Uyghur←ChineseMain Dictionary
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
组织,利用会道门,邪教组织,利用迷信致人死亡罪
zǔ zhī ,lì yòng huì dào mén ,xié jiào zǔ zhì ,lì yòng mí xìn zhì rén sǐ wáng zuì
بۇ - خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالداپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالداپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
300 - ماددا خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئالداپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
خۇيداۋمېن تەشكىلاتى، بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236 -، 266 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
(مەزكۇر جىنايەتكە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىرلىشىپ 2003 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان <ئىچكى خەۋپسىزلىك قوغداش ئورگانلىرى بېجىرىدىغان 27 خىل جىنايەت> دېگەن كىتابنىڭ 461 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ)