Chinese→UyghurMain Dictionary
血亲复仇
دىن
xuè qīn fù chóu
伊
ئىسلام دىنى
قانداشلار قىساسى، قانداشلىق قىساسى
ئەدلىيە
xuè qīn fù chóu
قان - قېرىنداشنىڭ قىساسىنى ئېلىش، قېرىندىشى ئۈچۈن قىساس ئېلىشDقانۇن
xuè qīn fù chóu
قانداش تۇغقانلارنىڭ بىرلىشىپ قىساس ئېلىشى
دۇنيا تارىخى
قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشى
قانداش ئۇرۇقنىڭ قىساس ئېلىشى< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىلاندۇرۇلغان تۇغقانلار ئۈچۈن قىساس ئالىدىغان بىر خىل ئادەت. ئۇرۇق ئەزالىرى ئۇرۇق ۋە جەمەتنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش ھەمدە بىر ئۇرۇقنىڭ ئەزالىرى بىر بىرىگە ھەمدەم بولۇش ۋە بىر - بىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتتىن كېلىپ چىققان. ئۇرۇق ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش پۈتكۈل ئۇرۇق ۋە جەمەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىق ھېسابلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇرۇقى قىساس ئېلىشنى يولغا قويغان. ئادەتتە، ئالدى بىلەن ياراشتۇرۇپ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇقى سوۋغا تەقدىم قىلىش ياكى ئەپۇ سوراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپتىن ئىشنىڭ تىنچىلىق بىلەن ھەل بولۇشىنى سورايتتى؛ بەزىدە قېرىنداش ئۇرۇققا مۇراجىئەت قىلىپ ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ياراشتۇرۇشتىن ئۈنۈم كۆرۈلمىسە،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ ۋەقە پەيدا قىلغۇچىدىن مۇناسىپ ھالدا ئىنتىقام ئالاتتى، قارشى ئۇرۇق بۇنىڭدىن ئۆچ ئالسا بولمايتتى، مۇشۇنداق قىلىنمىسا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىدىن قىسا س ئېلىشىنىڭ ئايىغى چىقمايتتى؛ ھەتتا ئۇزاق دەۋرلەرگىچە ياراشتۇرغىلىمۇ بولمايتتى. دەسلەپكى سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ قانۇنى (ئالايلۇق، >خاممۇرابى قانۇنى<)دا بەلگىلەنگەن >ئوخشاش قىساس ئېلىش< باشلانغۇچ دەۋردە مەۋجۇت بولغان قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەتلىرىدىمۇ دائىم قانداش تۇغقانلارنىڭ قىساس ئېلىشىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان.