UyghurMain Dictionary
خۇاسى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى چۇڭۋۇ مېننىڭ غەربىي خۇاسى كوچىسىدىكى ياڭشىكۇدا. بۇ مەسچىت 1415 - يىلى سېلىنىشقا باشلىغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەسچىتنىڭ ئورنى مىڭ سۇلالىسىدىكى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم سانغۇنى چاڭ يۈيچۇن (1330 - 1369، خۇيزۇ) نىڭ باغچىسى ئىكەن. بۇ مەسچىت 1628 - يىلى قايتا ياسالغان. 1702 يىلى چوڭ رېمونت قىلىنىپ، كاتتا تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، بىر مەھەل داڭق چىقارغان. 1729 - يىلى ئابىدە راۋىقى ياسالغان. 1753 - يىلى ۋە 1765 - يىلى ئوت كېتىپ، 1770 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان. 1899 - يىلى يەنە بىر قرتىم رېمونت قىلىنغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى غەربىي جەنۇبتىكى خىش تام سىرتقا قىڭغىيىپ قالغان. قىڭغايغان يەرگە تېرەك سۇپا سېلىنىپ، ئۇ سۇپا مىئزەنە قىلىنغان. 1981 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە يەنە كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىندى. غەربىدە خانىقا، شەرقىدە سەراپ، شىمالدا ئىمامنىڭ ئۆيى بار، ئوتتۇرىسىغا «مەسچىت» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان تاش پۈتۈك راۋىقى ياسالغان. مەسچىت سىلىق - كۆركەم سېلىنغان. مەسچىتتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ.