Chinese→UyghurMain Dictionary
玄洋社
دۇنيا تارىخى
گېنيوشا
ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلات. 1884 - يىلى كيۇشۇفۇكو ئوكادا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئەزالىرى يېڭىلىق ھەرىكىتىدىن كيىنكى نارازى بولغان تۆرىلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ كاتتىباشلىرى تويامامىتسۇرۇ، ھاكودا روكۇسۇكې ۋە ھىرائوكا كوتارو (ئۇيۇشمىنىڭ 1 - قېتىملىق رەئىسى) لاردىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات تېننوچىلىنى، دۆلەت ھوقۇقچىلىقىنى، خەلق ھوقۇقچىلىقىنى ماختاپ، ھەربىيلەر، مالىيە زومىگەرلىرى، ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتە ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىرتقا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە ماسلىشىش ئارقىلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. جياۋۇ يىللىرىدىكى جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى چاۋشيەنگە قولچۇماقلارنى كىرگۈزگەن، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى ھارپىسىدا روسىيىگە قاتتىق قوللۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن ئامۇر دەريا ئۇيۇشمىسى، رونىنكاي قاتارلىق ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىستىمىغا تەۋە بولۇپ كەتكەن. 1946 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.