UyghurMain Dictionary
خىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قۇرۇلۇش ماتېرىيالى. قېلىپ ئارقىلىق، سېغىز توپىدا ئېتىلگەن لايدىن قۇيۇلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككى خىل بولۇپ، خۇمداندا پىشۇرۇلغىنى <پىششىق خىش>؛ خۇمداندا پىشۇرۇلمىغىنى <خام خىش> دېيىلىدۇ، شەكلى ئاساسەن تىك تۆت تەرەپلىك شەكلىدە بولىدۇ؛ ئېھتىياجقا قاراپ ئۆلچىمىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.
خىش قۇيماق. خىش بىلەن سېلىنغان ئۆي.