UyghurMain Dictionary
خرىستىئان دىنىچە تەپسىر قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىش شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇفەسسىرلەرنىڭ قۇرئاننى <ئىنجىل> دىكى قىسسەلەر بويىچە تەپسىر قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى بەزى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن <ئىنجىل> دىكى قىسسەلەردە قەدىمكى ئەرەب قىسسەلىرى مەنبە قىلىنغان. بەزى مۇفەسسىرلەر كۆپ ھاللاردا <ئىنجىل> نى ۋە <ئىنجىل> تەپسىرلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تەپسىر قىلغان؛ دەسلەپكى چاغلاردا ئىسلام دىنىغا ئۆتكەن خرىستىئانلارمۇ خرىستىئان دىنىدىكى قىسسەلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن ھەمدە مۇسۇلمان مۇفەسسىرلەر ئۇنى قوبۇل قىلغان. شۇڭا <خرىستىئان دىنىچە تەپسىر قىلىش> دەپ ئاتالغان.