Uyghur←ChineseMain Dictionary
خىروشىما
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر广岛
guǎng dǎo
ياپونىيىنىڭ خونسيو ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى پورت شەھىرى. خىروشما ناھىيىسىنىڭ مەركىزى. چوڭاكۇ، شىكوكۇ رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر سېتو ئىچكى دېڭىزدىكى خىروشما قولتۇقىنىڭ بويىغا، ئوتاكاۋا دەريا ئېغىزىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 899 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1589 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1889 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. شەھەردە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، كېمىسازلىق، ستانوك ياساش قاتارلىق سانائەتلەر زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك - ئىچمەك ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتومنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ۋەيران بولغان خارابىلارنىڭ بىر قىسمى ساقلاپ قېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.