Uyghur←ChineseMain Dictionary
خىرانوكى چىرو
دۇنيا تارىخى
平沼骐一郎
píng zhǎo qí yī láng
(1867 -1952) ياپونىيە باش ۋەزىرى ( 1959-يىلى). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. مۇئاۋىن ئەدلىيە ئەمەلدارى، باش ئىش نازارەتچىسى، ياش سوراقخانا باشلىقى، ئەدلىيە ۋەزىرى بولغان. 1924-يىلى ئوڭ قانات تەشكىلات <دۆلەت ئۇيۇشمىسى> نى قۇرۇپ، باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1925-يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1939-يىلى 1-ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن، 8-ئايدا ئىستېپا بەرگەن. 1940-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، كېيىن يەنە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدىن 12-ئايغىچە يەنە بىر نۆۋەت زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جازا مۇددىتىنى ئۆتەش جەريانىدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. <خرانوكىك چىرو ئەسلىمىلىرى> ناملىق ئەسىرى بار.