UyghurMain Dictionary
خوخېنزوللېرن خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىنىڭ خوخېنزوللېرن جەمەتى قۇرغان خاندانلىق بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن براندېنبۇرگ بەگلىكى (1415 - 1701)، پرۇسسىيە پادىشاھلىقى (1701 - 1718) ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى (1871 - 1918) گە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: فرېدرىخ ۋىلھېلم (1640 -1688)، فرېدرىك 3 (1688-يىللىرى پرۇسسىينىڭ كورۇلى، 1871 - 1888-يىللىرى گېرمانىيىنىڭ كورۇلى بولغان)، ۋىلھېلم Ⅱ (1888 - 1918). 1918-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيىدە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغان. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. گېرمانىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈمگىمۇ خاتىمە بېرىلگەن. خوخېنزوللېرن خاندانلىقىنىڭ تارىقى 1866-يىلى رۇمىنىيىگە تاكى 1947-يىلى رۇمىنىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ھۈكۈمرانلىق قىلغان.