UyghurMain Dictionary
خوپتمان
دۇنيا تارىخى
(1862 - 1946) گېرمانىيىلىك دراماتورگ. ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بۇرايىسلاۋ گۈزەل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن يېنا داشۆسىدە تەبىئىي پەنلەرنى ئوقۇغان. 1883-يىلى ئىتالىيىگە بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ياش دەۋرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغان. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. دەسلەپتە ھېكايىلەرنى يازغان. 1889-يىلى <كۈن چىقىشتىن بۇرۇن> دېگەن سەھنە ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ داڭقى چىقىپ، گېرمانىيە ناتۇرالىزمچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى بولۇپ قالغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 30 نەچچە پارچە سەھنە ئەسىرى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1844-يىللاردىكى سېلېزىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىىڭىنى تەسۋىرلىگەن <توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى> مەشھۇر بولغان. 90-يىللارنىڭ باشلىرى <فېرروېئان گېيىل>، <قۇندۇز تېرىسى>، <يالقۇن> قاتارلىق رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەھەن ئەسەرلىرىنى ئىجد قىلغان. شۇنداقتىمۇ رېئاللىقتىن ئايرىلغان، سىرلىق تۈس ئالغان. <خەننانىڭ ئەرشكە چىقىشى>، <ئېغىر سىگنال>قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنىمۇ يازغان. 1912-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.