UyghurMain Dictionary
خوجا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يۇرۇتنىڭ ھوقۇقدارى، ئاقسۆڭەك.
بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشۇتاي. ھۈنەرسىز بولغاچقا قانچىلاپ خوجا، ئامالسىز قالماقتا قۇللار ئالدىدا. تۆرىدىنمۇ ئاشپەز توق. تۆرىنىڭ ئىتىمۇ تۆرىچە ھۈرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېخىدا سانجىيدىغان نەشتىرى بار چاتقاللار ۋە ياكى پاكار غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر.
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقا قادال. سېنىڭ پۇتۇڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن. ئالتۇن توشۇيدىغان تۆگىنىڭ يەيدىغىنى شۇ يانتاق. تۆگىنىڭ مەيلى بولسا يانتاققا بوينىنى ئېگەر. خۇخا سانجىلسا، جاندىن ئۆتەر. شوخسىدىن قورقما، پۇتىقىدىن قورۇق. چىتلاققا جىغان كېرەك. يەر قېرىسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن قېرىسا ئۇرۇشقاق. بىر ئۇرۇشقاقتىن قورۇق، بىر بۇدۇشقاقتىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق. ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. ئىگىسىدىن ئايرىلسا ئىتمۇ يىغلار. بۇ ئىشقا مەن ئىگە. تىرىشچانلىق ۋاقىتنىڭ خوجىسى. پۇلنىڭ قۇلى بولما، خوجايىنى بول.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئېسىلزادە» ياكى «باي» دېگەنلىك بولۇپ. ئىسلام دىنىدا سەئىدلەر (بىر رىۋايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسماندىن ئىبارەت ئۈچ خەلىپىنىڭ ئەۋلادلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ۋە ئۆلىمالارنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياۋە ئازادلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى فېئول يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئېسىلزادە بولۇپ، ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى «خوجا» دەپ ئاتىۋالغان. لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن يېزىلىرىدا پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر «خوجا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئاتالغۇنىڭ كەينىگە «م» نى قوشۇپ «خوجام» دېيىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<تارىخ> شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا، مەلۇم بىر ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.
<بەگ> دېگەن مەنىدە ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلەپ چاقىرىش فورمىسى.
بىر كىمنىڭ ياكى نەرسىنىڭ ئىگىسى؛ خوجايىن.
خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار (ماقال).
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.