UyghurMain Dictionary
خوفمان
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1927) گېرمانىيە گېنرالى. بېرلىن ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، روسىيە ۋە ياپونىيىگە بارغان، كېيىن گېرمانىيە باش شىتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندا شەرقىي سەپتىكى گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك شتاب ئوفىتسېرى بولغان، 1916 - يىلى گېنرال مايورلۇققا كۆتۈرۈلگەن، شەرقىي سەپ شتاب باشلىقى بولغان. 1918 - يىلى گېرمانىيەنىڭ باش ھەربىي ۋەكىلى سۈپىتىدە بىرسىت سۈلھ سۆھبىتىگە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ئارىلىشىشنى پائال تەرغىپ قىلغان ۋە گېرمانىيىدە خوخېنزوللېرن خاندانلىقىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان.