Uyghur←ChineseMain Dictionary
خمېلنسكىي
دۇنيا تارىخى
赫米尔尼茨基
hè mǐ ěr ní cí jī
(1595 - 1657) 1648 - يىلدىكى پولشانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئوكرائىنا دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ئوكرائىنا سەركەردىسى. ئوكرائىنادىكى پولەك كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لاتىنچە، پولەكچە ۋە تۈركچىنى بىلىدۇ. 1920-يىلى پولشا - تۈركىيە ئۇرۇشىدا تۈركلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككى يىل قامالغان. ئوكرائىنا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كازاك قوشۇنىغا قاتناشقان. 1637 - 1638 - يىللاردىكى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1647-يىلى پولشانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قوۇپ بېرىلگەن. 1648-يىلى ئەتىيازدا كازاكلاردىن 8 مىڭ كىشىنى باشلاپ دېنىپر دەرياسنىڭ تۆۋەن ئېقىمدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭ تېزلا پۈتۈن ئوكرائىنانى قاپلاپ كەتكەن. قوزغىلاڭدا پولشا ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1648-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كىيېۋ شەھىرىگە كىرىپ، پۈتۈن ئوكرائىنانىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالغان.1649-يىلى پولشا بىلەن <زبوروپ سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. پولشا ئوكرائىنانىڭ مۇستەقىل مەمۇرىي رايون ئىكەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا پولشا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىدىن، خەلق يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. پولشاغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇ قىرىم خانىدىن ئىككى قېتىم ياردەم تىلىگەندە، ساتقىنلىققا ئۇچرىغان. پولشا قىرىم خانى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كىيېۋنى يېڭىۋاشتىن بېسىۋالغان. ئىككىنچى يىلى ئۇ روسىيىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ پولشاغا قارشى زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. 1653 - يىلى روسىيە پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1654-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇ پېلېياسلاپتا ئوكرائىنا كازاكلار قۇرۇلتىيى (داردا) غا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئوكرائىنانىڭ روسىيىگە يېڭىۋاشتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى ماقۇللىغان ۋە جاكارلىغان. ئاندىن روسىيە - پولشا ئۇرۇشى (1654 - 1667) غا قاتناشقان. 1654-1667( غا قاتناشقان. 1655-يىلى ئوكرائىنانى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، موسكۋادىكى سەركەردىلەر بىلەن بىللە قوشۇن تارتىپ پولشاغا بېسىپ كىرىپ، ليوبلىننى ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.