Uyghur←ChineseMain Dictionary
خېلسىنكى
Domain: ئۇنىۋېرسال赫尔辛基
hè ěr xīn jī
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر赫尔辛基
hè ěr xīn jī
فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى، شەھەر فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى ۋىرونېنمى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 484 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). خېلسىنكى شەھىرى 1550 - يىلى شۋېتسىيىنىڭ شىمالىغا سېلىنغان بولۇپ، 1640 - يىلى بۇ شەھەر ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1812 - يىلىدىن باشلاپ فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. خېلسىنكى فىنلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا كېمىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. فىنلاندىيىنىڭ سىرت بىلەن بولىدىغان سودىسىنىڭ يېرىمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. خېلسىنكى فىنلاندىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مۇزېيلار بار. شەھەر تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ چوڭ شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.
GetWord Corpus
9赫尔辛基
赫尔辛基【地名】
hè ěr xīn jī9赫尔辛基
赫尔辛基【世界各国】
hè ěr xīn jī