Uyghur←ChineseMain Dictionary
خلوروپلاست
بىئولوگىيە
叶绿体
yèlǜtǐ
يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتىز ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خلوروپلاستى ئاساسەن ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش مىكرومېتر، كەڭلىكى ئىككى مىكرومېتر، قېلىنلىقى 2 - 3 مىكرومېتر كېلىدۇ؛ ھەر بىر يوپۇرماق گۆش ھۈجەيرىسىدە تەخمىنەن 20 - 100 دانە ياكى 200 دانە خلوروپلاست بولىدۇ. ئۇنى ئوسىك كىسلاتاسى بىلەن بوياپ ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزەتكەندە ئاساسەن تۆۋەندىكى قىسىملاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى كۆرگىى بولىدۇ؛ ئەڭ سىرتىدا قوش قەۋەت بىرلىك پەردىدىن تۈزۈلگەن ئورىغۇچى يېپىنچىسى بولىدۇ، ئۇ بىر خىل تاللاپ ئۆتكۈزۈشچان توسۇق. يېتىلگەن خىلوروپلاستنىڭ سىرتقى پەردىسى بىلەن ئىچكى قىسمىدىكى پەردىلەر سىستېمىسى تۇتاشمايدۇ. ئورىغۇچى يېپىنچىنىڭ ئىچكى تەرىپىدىكى پەردىنىڭ ئىچىدە سۇس سېرىق رەڭلىك ئېرىشچان ئاقسىل ۋە باشقا مېتابولىزملىق ئاكتىپلاشقان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن، يۇقىرى دەرىجىدە ئېقىشچان ھالەتتىكى تولدۇرغۇچى ماددا بولىدۇ. تولدۇرغۇچى ماددا ياپىلاق قەۋەتنىڭ تەكتى ماددىسى بولۇپ، كاربون تۆت ئوكسىدنى تۇراقلاشتۇرىدىغان كاربوكسى دېسمۇتازا بولىدۇ. ئورىغۇچى يېپىنچىنىڭ ئىچكى پەردىسىنىڭ بىر قانچە ئورنى ئۇزىراپ پلاستىددىن توغرىسىغا ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ئالماشقان ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ، ياپىلاق قەۋەتلىك سىستېما تولدۇرغۇچى ماددا ئىچىدە ئېسىلىپ تۇرىدۇ. بۇ پەردە سىستېمىلىرىنىڭ بەزى ئورۇنلىرى قاتلىنىپ ئاساسىي دانىچلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، فوتوسېنتىز پىگمېنتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىل ئاساسىي دانىچىلارنىڭ ئىچىگە توپلىنىدۇ. ئۇ قۇياش ئېنېرگىيىسىدىنى خىمىيىلىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان مەيدان. ئاساسىي دانىچە ئىككى قەۋەت پەردىدىن تۈزۈلگەن ياپىلاق خالتىلارنىڭ ئۈستى - ئۈستىگە قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بۇ ياپىلاق خالتىلار خالتىسىمان تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسىي دانىچىلاردىكى خالتىسىمان تەنچىلەردە خالتا بوشلۇقى بولىدۇ. خالتىسىمان تەنچىلەرگە كۋانت تەنچىسى تەكشى تارقىلىدۇ، ئۇ ئېھتىمال قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئالماشتۇرغۇچى ئاپپارات بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا فوتوسىنتېزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئايلاندۇرۇش فۇنكىسىيىسى خالتىسىمان تەنچىنىڭ پەردىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر خالتىسىمان تەنچىنى فوتوسىنتېز پەردىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. خلوروپلاست قۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ 50% ئاقسىل (ئېنزىم ۋە قۇرغۇچى ئاقسىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 35% ماي تۈرىدىكى ماددىلار، 70% پىگمېنت، قالغانلىرى نۇكلېئىك كىسلاتا، فوتوسىنتېز مەھسۇلاتى ۋە كۆپ خىل قوشۇمچە ئېنزىملاردىن ئىبارەت.
خىمىيە,ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق
叶绿体
yè lǜ tǐ