UyghurMain Dictionary
خىجىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇيالغان، ئىزا تارتقان:
خىجىل بولدى بۇ ھالدا تىيرى مىژگان،
دېدى: بۇ فېئلدىن، كەل ئەمدى سەن يان.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇياتتىن كېلىپ چىققان ئوڭايسىزلىق تۇيغۇسى.
« بولماق »، « قىلماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
خىجىل بولماي دېسەڭ، خاتا ئىش قىلما. راست سۆزگە خىجالەت بولۇش يوق. شۇنداق بىر ئىش تاللىۋال، شۇنداق ئەمگەك قىل، ئۆمرۈڭدە ئۇنىڭدىن خىجالەت بولما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىرەر ئىش، مەسىلە تۈپەيلى، كىشى ئالدىدا مۈشكۈل، قىيىن ئەھۋالغا چۈشكەن، خىجالەتتە قالغان، ئىزا تارتقان.
خىجىل بولماق. خىجىل قىلماق.
مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ناھايىتى خىجىل.