Chinese→UyghurMain Dictionary
新政
ئۇنىۋېرسال
xīn zhèng
يېڭى تەدبىر
دۇنيا تارىخى
يېڭى سىياسەت
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كرىزىتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈزگەن سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش پروگراممىسى. 1929 - يىلى ئامېرىكىدا مىسلىسىز ئىقتىسادىي كرىزىس پارتلىغان. 1933 - يىلى روزۋېلت زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، 1933 - 1941 - يىللاردا ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قارار يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاساسلىق قانۇنلار ئىككى قارار باشلانغان ئىككى <100 كۈن> ئىچىدە تۈزۈلگەن. ئاساسىي مەقسەت: قۇتقۇزۇش، قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قىسقارتىلىپ <ئۈچ R> دەپ ئاتالغان. <مەملىكەت بويىچە سانائەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش قانۇنى> ۋە <يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنى> ئەڭ ئاساسىي ئىككى قانۇن ھېسابلىنىدۇ. يېڭى سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەزمونلىرى - پارچىلانغان مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئورنىتىش، سودا - سانائەتنى كۆپلىگەن قەرز پۇل ۋە قوشۇمچە پۇل بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش؛ دۆلەت مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش، پۇل پاخاللىقى ئارقىلىق مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىش، تېرىلغۇ يەرنى قسىقارتىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يوقىتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش؛ جامائەت قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان خادىمنى كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي سېتىۋېلىش كۈچىنى قوزغاش؛ ئىشسىزلار ۋە قېرى، ئاجىز، مېيىپ ۋە بالىلارغا قۇتقۇزۇش بېرىش، گۆرۈگە قويۇلغان يەر مۈلكى ۋە ئۆي مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. تاشقى ئىشلار جەھەتتە، <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. فاشىست دۆلەتلەرگە پەيدىنپەي قاتتىق پوزىيتىسيە تۇتقان. يېڭى سىياسەت ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كاپىتالىستلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئىتى بەزى چەكلىمىگە ۋە زىيانغا ئۇچرىغان. يېڭى سىياسەتكە قارشى ھەرىكەت پات - پات بولۇپ تۇرغان. 1935 - 1936 - يىللاردا ئالىي سوت مەھكىمىسى نۇرغۇن مۇھىم قانۇنلارنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ئېلان قىلغان. كېيىن خەلقئارا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، دۆلەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە يۆتكەلگەن. يېڭى سىياسەت بارا - بارا نەزەردىن چۈشكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يېڭى سىياسەت ئاخىرلاشقان.