Chinese→UyghurMain Dictionary
心理个别差别
پسىخولوگىيە
پسىخىك ئايرىم پەرق
بۇ ئايرىم پەرق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن بىر قەدەر مۇقىم بولغان ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىلىرى ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقتۇر. مەسىلەن : كىشىنڭ قابىلىيىتى، تېمپېرامېنتى، خاراكتېرىدىكى ئوخشىماسلىقلار؛ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر قىلىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلىقى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەھەتتىكى قەيسەرلىكى، غەيرىتى، ھېسىياتىدىكى ئوچۇق - يورۇقلۇق ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتلەردىكى ئوخشىماسلىقلار. پسىخىك ئايرىم پەرقلەرنىڭ سەۋەبى تولىمۇ مۇرەككەپ. ئادەمنىڭ ئوخشىمايدىغان پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرى فىزىئولوگىيىلىك تەبىئىتى ئاساسىدا، ئاساسەن تۇرمۇش شارائىتى، تەربىيە تەسىرى، ئىجتىمائىي ئورنى، ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەھەتلەردىكى پەرقلىرى تۈپەيلىدىن شەكىللىنىدۇ.