Chinese→UyghurMain Dictionary
新芬党
دۇنيا تارىخى
سىنفېن پارتىيسى
ئىرلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىي تەشكىلاتى. سىنفېن ئىرلاندچە Sinn Fein نىڭ ئاھاڭ تەرجىمسى بولۇپ، مەنىسى <ئۆزىمىز> ياكى <ئۆز - ئۆزىمىزگە مەدەت بېرىش> دېگەندىن ئىبارەت. 1905 - يىلى قۇرۇلغان. ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرى ۋە رادىكال زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان. ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېرلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى قايتۇرۇۋېلىش، ئەنگلىيە تاۋارلىرىنى چەكلەش قاتارلىق پاسسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش يولى بىلەن قارشى تۇرۇپ، كەڭ ھىمايىگە ئېرىشكەن. كېيىنچە بەزى ياش ئەزالار فېننى ئۇيۇشمىسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيسىنى قوبۇل قىلىپ، زورلۇق كۈچ بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، 1916 - يىلدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىغا مەدەت بەرگەن. 1919 - يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىرلاندىيە پارلامېنتىنى چاقىرغان ھەمدە ئىرلاندىيەجۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1192 - يىلى ئەنگىلىيە بىلەن ئىرلاندىيە شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىرلاندىيىنى پارچىلاپ تاشلىغان. سىنفىن پارتىيىسى شۇنىڭ بىلەن تېز پارچىلىنىپ كەتكەن. 1922 - 1923 - يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا يۆتكەلگەن. 50 - يىللاردا سىياسىي سەھنىگە يېڭىۋاشتىن چىققان. 70 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىرلاندىيىنى سىياسىي يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان <ھۆكۈمەتپەرەسلەر> بىلەن قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان <ۋاقىتلىقلار>غا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1977 - يىلنىڭ بېشىدا <ھۆكۈمەتپەرەسلەر> <سىنفېن - لېيبورىستلار پارتىيىسى> دېگەن يېڭى نامنى قوللىغان.