Chinese→UyghurMain Dictionary
心动周期
بىئولوگىيە
يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرى
<كاردىئاك دەۋرلىكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈرەكنىڭ بىر قېتىم قىسقىراپ كېڭىيىشى بىر دەۋر بولۇپ، يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرى دېيىلىدۇ. ساغلام يېتىلگەن ئادەمنىڭ تىنچ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە يۈرەك رىتىمى تەخمىنەن مىنۇتىغا 25 قېتىم بولۇپ، ھەر بىر يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرى تەخمىنەن 8.0 سېكۇنت بولىدۇ. يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىراش ۋاقتى تەخمىنەن 1.0 سېكۇنت، كېڭىيىش ۋاقتى تەخمىنەن 7.0 سېكۇنت، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىراش ۋاقتى تەخمىنەن 3.0 سېكۇنت، كېڭىيىش ۋاقتى تەخمىنەن 5.0 سېكۇنت بولىدۇ. يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىشى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بولمايدۇ، بىر يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرىدە ئىككى يۈرەك دالانچىسى ئالدى بىلەن قىسقراپ، ئارقىدىنلا كېڭىيىدۇ، يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىراش ۋاقتى ئاخىرىدا ئىككى يۈرەك قېرىنچىسى قىسىراشقا باشلاپ كەينىدىن كېڭىيىدۇ. ئارقىدىنلا يۈرەك دالانچىسىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك قىسقىرىشى باشلىنىدۇ، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىراش ۋاقتى يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىراش ۋاقتىدىن ئۇزۇن، چۈنكى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ مۇسكۇل دىۋارى يۈرەك دالانچىسىنىڭكىدىن قېلىن، قىسقارغاندا ئېتىلىپ چىقىرىدىغان قان مىقدارى يۈرەك دالانچىسىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. يۈرەك دالانچىسى ۋە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىش مەزگىلىنىڭ ۋاقتى قىسقىراش مەزگىلىگە قارىغاندا ئۇزۇن بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەككە قايتىشىغا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرەك مۇسكۇلى يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشىپ دەم ئېلىپ، يۈرەكنىڭ كېچە - كۈندۈز توختىماستىن، رىتىملىق قىسقراش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەك - قان تومۇرلار ئىچىدە ئۈزۈلمەي ئۈزلۈكسىز ئاقما ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەلەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
تەنتەربىيە
xīn dòng zhōu qī
يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرى