Chinese→UyghurMain Dictionary
希门尼斯
دۇنيا تارىخى
جىمېنېس
(1881 - 1958) ئىسپانىيە شائىرى. ۋېلۋا ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. سۋېلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئوقۇغان. كېيىن مادرىد شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئەدەبىي ژۇرنال چىقارغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا قىتئەسىگە كەتكەن. ئامېرىكىدا 12 يىلدەك تۇرغان. 1951-يىى پوئېرتورىكۇغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ دەسلەپ سمۋولىزم تەرەپدارى بولغان. كېيىن <نوقۇل نەزىم نەزەرىيىسى>نى تەشەببۇس قىلغان. شەكىل، ئاھاڭنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ھەقىقىي، ساددا بولۇش، ئەركىن يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <ۋىئولېت گۈلى روھى>، <باتاناق>، <يىراقتىكى گۈلستان>، <1914 - 1915 - يىللىرىدىكى 12 مىسرالىق شېئىرلار>، <تاش ۋە ئاسمان>، <مېنىڭ ناخشام> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1956-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
希门尼斯〈巴拉〉
xī mén ní sī
گىمېنېز