Chinese→UyghurMain Dictionary
希洛人
دۇنيا تارىخى
ھېلوتلار
قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ سپارتادىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار. بۇلار سپاتارلىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان لاكونىيە، مېسىنىيە رايونلىرىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئاساسەن ئەسلىدىكى ئاخىيلار دەپ قارىلىدۇ. بۇلار سپارتالىقلارنىڭ ئۈلۈشلۈك يېرىگە مەجبورىي ھالدا باغلىنىپ، سپارتالىقلار ئۈچۈن مەجبورىي يەر تېرىپ بەرگەن. ئالاھەزەل ھوسۇلنىڭ يېرىمىنى (ئاشلىق، ماي، ھاراق قاتارلىقلار) خوجايىنىغا تاپشۇرغان. يەتتە ئائىلىلىك ھېلوتلار بىر ئائىلىلىك سپارتالىق قۇلدارنى باققان. ئۇرۇش ۋاقتىدا يەنە ئۇلار سپارتا ئارمىيىسى ئۈچۈن ئېغىر ھاشارنى ئۈستىگە ئالغان. ئاددىي دېھقانچىلىق سايمانلىرى بىلەن بىر قىسىم مەھسۇلاتقا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكى بولمىغان. ھېلوتلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش - سپارتا دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيىسى بولۇپ قالغان. سپارتا ھۆكۈمرانلىرى، بولۇپمۇ ھەر يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇپەتتىش ئەمەلدارلىرى كۆپىنچە ھېلوتلارنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلغان (بۇ <كرىپتىيە> دەپ ئاتالغان). سپارتالىقلارنىڭ ھېلوتلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئۇسۇلى <ھېلوت تۈزۈمى> دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ئىپتىدائىي قۇللۇق ئېكسپىلاتاتسىيە ئۇسۇلى، ئەينى زاماندىكى كرىت ئارىلى بىلەن تىسسالىيە (شىمالىي گرېتسىيە ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئۈچىنچى قېتىملىق مېسىنىيە ئۇرۇشى )مىلادىدىن ئىلگىرى 464 - 455(نىڭ كۆلىمى ئەڭ زور بولغان. مىلادىدىن 370 يىل ئىلگىرىدىن كېيىن سپارتانىڭ زوراۋانلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ بارغان. مېسىنىيە سپارتادىن ئاجرىتىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ھېلوتلارمۇ پەيدىنپەي سپارتانىڭ قۇللىقىدىن قۇتۇلۇشقا باشلىغان.
ئۇنىۋېرسال
xī luò rén
ئىلوتلار