Chinese→UyghurMain Dictionary
西非国家经济同体
دۇنيا تارىخى
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
غەربىي ئافرىقادۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1972 - يىلى 4 - ئايدا نېگىرىيە ۋە توگونىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بارلىق غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1975 - يىلى 5 - ئايدا نېگىرىيە، گۋىنىيە، مالى قاتارلىق غەربىي ئافرىقىدىكى 15 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى نېگىرىيىنىڭ پايتەختى لاگوستا <غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغاندا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شەرتنامىدە ئورتاق گەۋدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، قاتناش - ترانسپورت ۋە سودا جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېجىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورتاق تاشقى چېگرا بېجى سىياسىتىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە باشقىلار دەپ بەلگىلەنگەن. 1975 - يىلى 5 - ئايدا ئورتاق گەۋدىنىڭ 8 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق گەۋدە چېگرا بېجى ئىتتىپاقى ۋە غەربىي ئافرىقا رايونىدا بىر تۇتاش پۇل رايونى قۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا قارار چىقارغان. دۆلەت ۋەھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئورتاق گەۋدىنىڭ ئاساسلىق ئورگىنى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقامىنىستىرلار ھەيئەتلىرى يىغىنى، ئىجرائىي كاتىبات باشقارمىسى، ئورتاق گەۋدە سوتى ۋە تېخنىكا، كەسپىي كومىتېتى تەسىس قىلىنغان.باش شتابى لاگوستا تەسىس قىلىنغان.