Chinese→UyghurMain Dictionary
谢氏南征记
دۇنيا تارىخى
شى فامىلىلىكنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى
كىتاب نامى. چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەجۋىي رومان. يەنە بىر نامى <جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى>.جىنۋەنجۇڭ (1637 - 1692)يازغان. ئىككى ئاقسۆڭەكنىڭ شەھۋانىيلىق، ئەيش - ئىشرەتلىك ئائىلە تۇرمۇشى ۋە خوتۇن - توقاللار ئارىسىدىكى جېدەل - ماجىرالارنى تېما قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، فېئودال ئاقسۆڭەكلەنىڭ چىرىكلىكى ۋە زاۋالغا يۈزلەنگەنلىكىنى پاش قىغان. ئۇ ئوردا تۇرمۇشىدىكى تراگېدىيىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىجاد قىلىنغان رېئالىزم خاھىشىغا ئىگە رومان بولۇپ، ئەسلى نۇسخىسى چاۋشيەنچە يېزىلغان، كېيىن ئاپتورنىڭ شىرەم نەۋرىسى جىن چۇنزې (1670 - 1717) تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، چاۋشيەندە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان.