Chinese→UyghurMain Dictionary
斜面培养
دېھقانچىلىق
xié miàn péi yǎng
يانتۇ يۈزدە ئۆستۈرۈشDئۇنىۋېرسال
xié miàn péi yǎng
يانتۇ يۈزدە ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
يانتۇ يۈزدە ئۆستۈرۈش
قاتتىق ئۆستۈرگۈچنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئېرىتىپ، پروبىركا (ياكى دۈگىلەك كولبا) لارغا بۆلۈپ ئورىغاندىن كېيىن، ستېرىلىزاتسىيىلەپ، قېتىشتىن بۇرۇن يانتۇ يۈزگە قويۇپ قاتۇرغاندا پروبىركىنىڭ ئىچىدىكى ئۆستۈرگۈچنىڭ يۈزى يانتۇ بولۇپ قاتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئېكىدىغان مىكرو ئورگانىزمنى ئېكىش ھالقىسى بىلەن ئېكىپ، پروبىركىنى لاتا بىلەن ئوراپ، مۇۋاپىق شارائىتتا قويۇپ ئۆستۈرگەندە بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن يانتۇ يۈزدە ئۆسكەن مىكرو ئورگانىزملارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. مىكرو ئورگانىزملارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈش يانتۇ يۈزدە ئۆستۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر يانتۇ يۈزدە ئۆسىدىغان مىكرو ئورگانىزمنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، ئادەتتە كېڭەيتىلىدىغان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.