Chinese→UyghurMain Dictionary
谢里姆三世
دۇنيا تارىخى
سەلىم Ⅲ
(1761 - 1808)، تۈركىيە سۇلتانى (1789 - 1807). ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، ئىمپېرىيىنى كرزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، سەلىم Ⅲ <يېڭى تۈزۈم> ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي مەجبورىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان فېئودال، ۋەزىرلەرنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرىنى مۇسادىرە قىلىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرىنى ياۋرۇپاچە ئۇسۇلدا تەشكىللەش، ھەربىي قۇرۇلۇش مەكتىپى ئېچىش، مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىش، دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. ئەمما بۇ ئىسلاھات دىنى ۋە دەھرىي فېئوداللار ھەمدە مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1798 - يىلى ناپولېئون مىسىرنى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1806 - يىلى روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1807 - يىلى مۇھاپىزەتچى قوشۇنى سىياسىي ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭى تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبور بولغان. شۇ يىلى سۇلتانلىقتىن چۈشۈرۈلگەن.