Chinese→UyghurMain Dictionary
小单孢菌
بىئولوگىيە
كىچىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيە
ئاكتىنومىتسېسلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. باكتېرىيە يىپچىسى ئىنچىكە، دىئامېترى 0.5 مىكرومېتر ئەتراپىدا بولىدۇ، ھاۋا يىپچىسى ھاسىل قىلمايدۇ. توپ ئىچىدىكى يىپچىسى يېتىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەندە شاخلىنىدىغان ياكى شاخلانمايدىغان سپورا ساپىقى ئۆسۈپ چىقىدۇ. سپورا ساپىقىنىڭ ئۇچىدا بىر دانە دۈگلەك ياكى ئېللىپسسىمان سپورا ھاسىل بولىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىدۇ، ئايرىملىرى ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدۇ. باكتېرىيە توپى كىچىك ۋە زىچ بولىدۇ، ئاسان ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل قوڭۇردىن تارتىپ قارا رەڭگىچە بولىدۇ. ئاساسەن تۇپراقتا چىرىتىپ ياشايدۇ. كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئاقسىل، سېللۇلوزا ۋە كراخمالنى پارچىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار تۇپراق ۋە دۈملىمە ئوغۇتتىكى ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزىلىرى ئانتىبىئوتىك ھاسىل قىلدۇ. مەسىلەن، گېنتامىتسىننى توق قىزىل كىچىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيە ھاسىل قىلىدۇ. كىچىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيە كەڭ مەنىدە يەككە سپورىلىق كەڭ مەنىدە كىچىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيە ئائىلىسىدىكى ئاكتىنومىتسېسلار ئىچىدىكى كىچىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىدىن باشقا، يەنە بىر قانچە ئورۇقداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشلاردىكى كىچىك يەككە سپورىىق باكتېرىيىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى كىچىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. باشقا ئۇرۇقداشلاردىكى كچىىك يەككە سپورىلىق باكتېرىيىلەر ھاۋا يىپچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ باكتېرىيە يىپچىسى توم بولىدۇ. ئۇرۇقدىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەككە، جۈپ، تۆت دانە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ سپورىدىن تۈزۈلگەن قىسقا زەنجىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى تۇپراقتا چىرىتىپ ياشايدىغان ئوكسىگېنلىق باكتېرىيىدۇر.