Chinese→UyghurMain Dictionary
限制性核酸切酶
بىئولوگىيە
يادرو كىسلاتا چەكلىمىلىك ئىچىدىن كەسكۈچى ئېنزىم
باكتېرىيە ھۈجەيرىسىدە تاشقى مەنبەلىك قوش زەنجىرلىك DNA نى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەمدە گىدرولىزلىيالايدىغان، لېكىن ئۆزىنى قىسقارتمايدىغان يادرو كىسلاتا ئىچىدىن كەسكۈچى ئېنزىمى بولىدۇ. بۇ خىل ئېنزىم سىرتتىن كىرگەن تاشقى مەنبەلىك DNA مولېكۇلىسىنىڭ مۇئەييەن ئورنىدىكى فوسفودى ئېستېر بېغىنى كېسىپ يوچۇق ئاچقاندىن كېيىن، DNA نى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گىدرولىزلايدۇ. مانا بۇ خوجايىنى كونترول قىلىدىغان چەكلەش رولىدۇر. خوجايىننىڭ ئۆز DNA سى ئۇنىڭدىكى ئىشقار رادىكاللىرى مېتاللاشقانلىقتىن قىسقارماستىن قوغدىلىپقالىدۇ، مانا بۇ خوجايىننىڭ تۈزەشتۈرۈش رولىدۇر. بۇ خىل تىپتا تەسىر قىلىدىغان ئېنزىم يادرو كىسلاتا چەكلىمىلىك ئىچىدىن كەسكۈچى ئېنزىم دەپ ئاتىلىدۇ. تەسىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى خىل تىپلىق ئېنزىم، مەسىلەن، EcoK ۋە EcoB قاتارلىقلار بولۇپ، مولېكۇلىلار ئېغىرلىقى چوڭ، رېئاكسىيە ۋاقتىدا S - ئادېنوزىنىل -L - مېتيونىن قاتارلىق ئالاھىدە فاكتورلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. DNA مولېكۇلىسىغا نىسبەتەن پەرقلەندۈرىدىغان ئالاھىدە تەرتىپى ۋە كېسىش نۇقتىسى بولمايدۇ، مەخسۇس ئېنزىم پارچىلىغان بۆلۈكلىرى ھاسىل بولمايدۇ. شۇڭلاشقا DNA نىڭ يېڭىدىن تۈزۈلۈشى، تىزىلىش تەرتىپىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئانچە ئىشلىتىلمەيدۇ. ئىككىنچى خىل تىپلىقى، مەسىلەن، EcoRI, BamHI,HimdIII قاتارلىقلار مەخسۇس تىزىلىش تەرتىپىنى پەرقلەندۈرىدۇ ھەمدە كېسىلگەن ئورنىدا 180° بۇرالغان سىممېترىيىلىك ھالەت شەكىللىنىدۇ. DNA مولېكۇلىسىغا تەسىر قىلغاندا مەخسۇس ئېنزىم پارچىلىغان بۆلۈكلەر ھاسىل بولىدۇ ياكى يېپىشقاق ئاخىرقى ئۇچى پەيدا بولىدۇ ياكى تەكشى ئاخىرقى ئۇچى ھاسىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا DNA نىڭ يېڭىدىن تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا بەكمۇ كېرەك بولىدۇ. ئۈچىنچى خىل تىپى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنماقتا.