Chinese→UyghurMain Dictionary
纤毛
بىئولوگىيە
كىرپىك تۈك
پروتوپلازما ھۈجەيرە سىرتىغا بۆرتۈپ چىقىپ شەكىللەندۈرگەن، ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ئىنچىكە تۈكسىمان ماددا. پروتوزالار (ئاددىي ھايۋانلار) تىپى، كىرپىك تۈكلۈكلەر سىنىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە كىرپىك تۈكلەر بولىدۇ. تۈزۈلۈشى قىلئاياغقا ئوخشاش بولۇپ، ھەر بىر كىرپىك تۈكىنىڭ ھەممىسى يۈز پەردە ئاستىغا جايلاشقان بىر باسال تەنچىدىن چىققان. ئوخشاشمايدىغان نۇقتىسى قىلئاياغدىن قىسقا، سانى كۆپرەك بولىدۇ. تۈرلىرى ئوخشىمىغاچقا ئۇنىڭ تارقىلىش ئورنىمۇ ئوخشاشمايدۇ، ئوخشاش بىر قۇرت تەنىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئورۇندىكىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، قاتار تىزىلىپ، ياكى تارقىلىپ جايلىشىدۇ. كۆپ ساندىكى كىرپىك تۈكلەر ئۆزئارا يېپىشىپ كىچىك پەردە ھاسىل قىلىپمۇ ياكى باغلام شەكلىدە يېپىشىپ تىكەن تۈكچە ھالىتىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي دانىچىلىرى ئارىسىدا بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تەسىرنى تارقىتىپ كىرپىك تۈكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان ھەم رىتىملەشتۈرىدىغان تالالار بولىدۇ. ئۇ ئېدوگونىيە يۈسۈنىنىڭ ئەركىن سپورىسى، پلانارىيىنىڭ بەدەن سىرتى، مولليۇسكىلار قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى غىلاپ پەردىسى ھەم ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كانىيى، قىزىلئۆڭگىچىنىڭ ئىچكى بوشلۇق دىۋارى قاتارلىقلارنىڭ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەممىسىدىمۇ كىرپىك تۈكلىرى بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا ھەرىكەتلىنىش، ئوزۇق تۇتۇش ياكى قوغداش ھەم نەپەسلىنىشكە، چىقىرىۋېتىش، ئاجرىتىش، يۇتۇش قاتارلىقلارغا ياردەملىشىش رولىغا ئىگە.
ئادەم ئاناتومىيىسى
xiān máo
تىۋىتچىلەرDئۆسۈملۈك
xiān máo
موي، تالا، تىۋىتDتېببىي
xiān máo
تۈك، موي، تىۋىتDئۇنىۋېرسال
xiān máo
تۈكچە، كىرپىكچە