Chinese→UyghurMain Dictionary
线粒体
بىئولوگىيە
خوندىرىئوسوما
سىتوپلازمىدىكى بىر خىل ھۈجەيرە ئورگىنى. ئۇ ئادەتتە قىسقا تاياقچىسىمان ياكى دانىچىسىمان بولۇپ، دىئامېترى 5.0 ~ 2 مىكرون كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەڭ بولمايدۇ، ئەڭ ئۇزۇنلىرى 10 مىكرون كېلىدۇ. نورمال ھايات ھۈجەيرىلەردە ھەرىكەتلىنەلەيدۇ ھەمدە شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ھەر بىر خوندىرىئوسومىنىڭ ئىككى قەۋەت پەردە (بىرلىك پەردە) سى بولىدۇ، ئورىغۇچى سىرتقى پەردىسى سىلىق بولىدۇ، ئورىغۇچى سىرتقى پەردىسى سىلىق بولىدۇ، ئىچكى پەردىسىنىڭ ئىچىگە قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان قىرلىرى (ئۇنىڭ ئىچىگە ئولتۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان) بولىدۇ. خوندىرىئوسوما ئاساسىي ماددىسىنىڭ تەركىبىدە ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالارنىڭ ئايلىنىشىغا كېرەكلىك بولىدىغان ئېنزملارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. ئچىكى پەردىسىدە نەپەسلىنىش زەنجىرى ئېنزىم سىستېمىسى ۋە ئادېنوزىن ترى فوسفات ئېنزىم كومپلىكس تەنچىسى ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىش ۋە ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا خوندىرىئوسوما ئوكسىدلىنىدىغان فوسفاتلىنىدىغان ۋە ھۈجەيرىدە ATP ھاسىل بولىدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ <ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ زاۋۇتى> دەپ ئاتالغان. خوندىرىئوسوما ئاساسىي ماددىسىدا يەنە ئۆزىنىڭ DNA سى ۋە ئاقسىللارنى سېنتىزلىغۇچى ئېنزىملار سىستېمىسى بولىدۇ. DNA ئۆزىدىن نۇسخا قالدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بەلگىلىك ئىرسىي مۇستەقىلىققا ئىگە. لېكىن DNA دىكى گېنلارنىڭ رەت نومۇرى چەكلىك بولغانلىقتىن، خوندىرىئوسومنىڭ ئۆز تۈزۈلۈشى، تەركىبى يەنىلا يادرو ئىرسىيەت سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ ھەمدە چوقۇم ئىككى يۈرۈش ئىرسىيەت سىستېمىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەسىر قىلىشى بىلەنلا ئاندىن ئۇنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، شۇڭا خوندىرىئوسوما ئۆزىگە يېرىم غوجىدارلىق قىلىدىغان ھۈجەيرە ئورگىنى دەپ ئاتىلىدۇ.
تېببىي
xiàn lì tǐ
يىپسىمان تەنچە، خوندرىئوزوما، مىتوخوندرىيەDئادەم ئاناتومىيىسى
xiàn lì tǐ
يىپسىمان تەنچەDدېھقانچىلىق
xiàn lì tǐ
خوندرىئوسوماDئېلېكترون، ئۇچۇر
xiàn lì tǐ
خوندرىئوسومDئادەم ئاناتومىيىسى
xiàn lì tǐ
يىپسىمان تەنچەDئورمانچىلىق
xiàn lì tǐ
خوندرئوسومDئادەم ئاناتومىيىسى
xiàn lì tǐ
يىپسىمان تەنDئادەم ئاناتومىيىسى
xiàn lì tǐ
يىپىسمان تەنDئۇنىۋېرسال
xiàn lì tǐ
مىتوخوندرىيە
سىتوخوندرىيە
خوندرىئوزوما
Dئورمانچىلىق
xiàn lì tǐ
خوندرئوسومDئورمانچىلىق
xiàn lì tǐ
خوندرئوسوم