Chinese→UyghurMain Dictionary
希阿巴尼
دۇنيا تارىخى
خىئابانې
(1882 - 1920) ئىراندىكى ئەزەر - بەيجان قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. راھانىيلىق تەربىيىسىنى ئېلىپ، تەبرىز باش جامەسىنىڭ ئىمامى بولغان. 1905 - 1911 - يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1909 - يىلى ئىران پارلامېنتىغائەزەربەيجانلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ سايلانغان. 1919 - يىلىدىن باشلاپ ئەزەربەيجان دېموكراتلار پارتىيسى (1917 - يىلى قۇرۇلغان)گە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىراننىڭ مىللىي مۇستەقىللكىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 1920 - يىلى 4 - ئايدا ئەزەربەيجان قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئەزەربەيجان دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 01 - ئايدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.