Chinese→UyghurMain Dictionary
犀
ئۇنىۋېرسال
xī
مۈڭگۈز تۇمشۇق
كەركىدان
كەركىدان مۈڭگۈزى
تەرخەمەك كاۋىنىڭ ئۇرۇقى
ئۆتكۈر تىغ، ئىتتىك بىس
ئۆتكۈر
مۇستەھكەم، پۇختا
شى )فامىلە(
بىئولوگىيە
كەركىدان
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى، كەركىدان ئائىلىسىگە تەۋە. بەدىنى زور، بېشى بىلەن بەدىنىنىڭ ئورتاق ئوزۇنلۇقى 2 - 2.4 مېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 61 - 76 سانتىمېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 1 - 2 مېتىر، بېشى ئۇزۇن، بوينى قىسقا، كۆزى كىچىك. تۇمشۇقىدا 1 - 2 مۈڭگۈزى بار. بۇ مۈڭگۈزلىرى ھەقىقىي تېرە خاراكتېرلىك بولۇپ، پۇختا سېللوكېراتىندىن تۈزۈلگەن. كۈرەك چىشى تەرەققىي قىلمىغان، ئۈستۈنكى قوزۇق چىشى يوق، تۈكلىرى ئىنتايىن شالاڭ، تېرىسى قېلىن ھەم ئەۋرىشىم، ئادەتتە پۇرلىشىپ تۇرىدۇ. مەلۇم تۈرلىرىنىڭ تېرىسى بىرونىلانغان تاختىغا ئوخشايدۇ. رەڭگى ئازراق قارامتۇل، پۇتلىرى قىسقا، تۈۋرۈككە ئوخشاش. ئالدى پۇتىدا ئۈچ بارمىقى بار (بەزى تاشقا ئايلانغان تۈرلىرىنىڭ تۆت بارماقلىق)، كەينى پۇتىمۇ ئۈچ بارماقلىق، ھەرقايسى بارماقلىرى تۇياقلىق، كۆرۈش كۈچى ئاجىز، ئاڭلاش ۋە پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر. ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا، سۇماترا، ياۋا ھەم ئافرىقىنىڭ سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ ئوتلاق، چاتقاللىق جايلار ۋە قويۇق ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پاسكىنا لاتقىلىق كۆلچەكلەردە ياكى قۇملۇق دەريا قىنىدا ئېغىناشنى ياخشى كۆرىدۇ. كۆپىيىش پەسلىدە بىر جۈپ كەركىدان تۆت ئايغىچە بىللە ياشايدۇ، بوغاز مەزگىلى 510 - 570 كۈن بولۇپ، بىرنى تۇغىدۇ. ئۆمرى تەخمىنەن 05 يىل. بۇ ئائىلىدە ھازىر تۆت ئۇرۇقداش بەش تۈر قالغان. كەركىداننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەممىسى دورا قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ كەركىدان مۈڭگۈزى ئەتىۋارلىق بولۇپ، تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەچكە سانى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتكەن ياكى ئۇرۇقى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالماقتا.