UyghurMain Dictionary
خەۋەردار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىلىدۇ، خەۋەر تاپقان.
ئۇ ئىشتىن ئۇنىڭ خەۋىرى بار. سەنغۇ ھەممىدىن خەۋەردار. بىلمەيدىغان ئىشىڭ يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خەۋىرى بار، ۋاقىپ.
ئەنۋەر باياتىن نادەم بىلەن ۋارىسجان ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان گەپلەردىن خەۋەردار ئىدى.
بىرەر ئىش ياكى ھۈنەر - كەسپنى بىلىدىغان، ئۇنى قىلىش قولىدىن كېلىدىغان.
ئۇ رۇس، خەنزۇ، ئىنگلىز تىللىرىنى پۇختا بىلىدىكەن، ئەرەب، پارس، قەدىمكى ئۇيغۇر تىللىرىدىنمۇ ياخشى خەۋاردار ئىكەن.