UyghurMain Dictionary
خەتنە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <كېسىش مۇراسىمى> دېگەنلىك بولىدۇ. خەتنە شەرىئەتتە <مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن سۈننەت> دەپ قارىلىدۇ. خەتنە قىلىش قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدۇر. ئادەتتە ئوغۇل بالا تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن بولغاندىن تارتىپ 12 ياشقىچە كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا خەتنە قىلىنىدۇ. خەتنە قىلغاندا تەبرىكلەپ پائالىيىتى بولىدۇ. ئوخشىمىغان دۆلەت، رايونلاردىكى خەتنە مۇراسىمى ۋە ئۇسۇلى پەرقلىق بولىدۇ؛ فەقىھلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىمۇ بىر خىل ئەمەس. بۇنداق مۇراسىمغا <قۇرئان كەرىم> دىن ئاساس تېپىلمايدۇ. لېكىن، بۇنى شەرىئەت ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مۇسۇلمانلار ۋە بەزى خەلقلەردە تازىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈش.
خەتنە قىلماق.