UyghurMain Dictionary
خەتلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەغەز، تاختا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۈستىگە خەت چۈشۈرمەك.
يىراقتىكى دوستلارغا خەت يازدىم. بولغان ئىشلارنى پۈتۈپ قويۇش كېرەك. مېيىپلارغا بەرگەن ياردەم پۇلنى خەتلە. بۇ كىنو سىنارىيىسىنى ئۈچەيلەن يازغان، مەن قەلەم تەۋرەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېزىپ قويماق، خاتىرىلىمەك، تىزىملىماق.
- بالىنىڭ ئوتتەك ئوقۇغۇسى بار ئىدى. دەپتەرلىرىنىڭ بىر بۇرجىكىگە خەتلەپ قويغان بولسىلا، بەكمۇ خۇش بولۇپ قالاتتۇق، مۇئەللىم، - دېدى ھېلىقى ئادەم.