UyghurMain Dictionary
خەسىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بېخىل، پىخسىق:
ئۆزى پەرۋەرىش ئەيلەگەن بىر خەسىس،
زەھى بەد تەردىن ئىبنى مۇلجەم نەجىس.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پىخسىق، بېخىل، ئىچى تار؛ خەيرىسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇز پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان، كىشىگە قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىلنىڭ قازىنىدىكى ئاش - قۇدۇق تۈۋىدىكى تاش. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ئارتۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېگىن. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. مومسىق خوتۇننى جەننەتكە كىر دېسە، قوتۇر ئۆچكىسىنى يېتىلەپ ماڭار. . ئۇ شۇنداق پىخسىقكى، ئاسمان ئىسىنى، ئىت يۇندىسىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ راسا پىششىق ئالىقىنىنى يالايدىغان ئادەم. پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىر نېمە چىقارمۇ؟ ئۇ بوۋاي پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇنى قوي، ئۇ تاشتىن سۇ چىقىرىدىغان ئادەم. ئۇ ئادەم مۇنداق تۇرغىنى بىلەن تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلار، تىيننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەر بار ئىدى. شەھەر خەلقى مۇسانى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆڭەك بەرمەيدىغان پىخسىق دېيىشىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاسمانغا ئىسىنى، ئىتقا يۇندىسىنى كۆرسەتمەيدىغان، تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان، پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان. ئۆزىنىڭ پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە قىيمايدىغان، باشقىلارغا قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
سېخىي، قولى ئوچۇق، قولى كەڭ
پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە مەرد، باشقىلارغا نەپ بېرىدىغان، ھىممەتلىك.
بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى. سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ جېنى چىقىپتۇ. قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېسەڭچۇ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. ئۇ شۇنداق پىششىقكى، قىش كۈنى قار سورىساڭ بەرمەيدۇ. خەسىس بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل ئارتۇق. ئۇ تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىرنېمە چىقارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلارمۇ، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەرمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىر كىمگە بىرەر نەرسە بېرىشنى، سەرپ قىلىشنى خالىمايدىغان؛ پىخسىق، بېخىل، پىششىق.
خەسىس ئادەم.