UyghurMain Dictionary
خەنجەر رىۋايىتى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە مىللەتچى ئۇنسۇرلىرى تارقاتقان بىر خىل رىۋايەت. 1918-يىلى 11-ئايدا، ئەنگلىيە گېنېرالى مالكولم لۇدېندۇرف بىلەن پاراڭلىشىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: <سىز ئۆزۈڭلەرنى كەينىڭلەردىن خەنجەر يېگەن دەپ قارىمامسىز؟> دەپ سورىغان. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى مۇتەئەسسىپ پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە مىلتارىسلارنىڭ ھەممىسى شۇ گەپكە قوشۇلغان ھەمدە بۇ گەپنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ، گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب سوتسىيالىزمچىلار ۋە تىنچلىقپەرەسلەرنىڭ 1914-يىلىدىكى نويابر ئىنقىلابى پارتلىغانلىقتىن، گېرمانىيە غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان، دەپ قارىغان. بۇ سەپسەتە گېرمانىيە ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنقىلابچىلارغا ۋە تەرەققىيپەرۋەر كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغان.