Uyghur←ChineseMain Dictionary
خەلقئارا كالوننا
دۇنيا تارىخى
国际纵队
guó jì zòng duì
1936 - 1939 - يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچلار سىنىپى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ توپىلاڭچى ئارمىيىگە ۋە گېرمانىيە مۇداخىلىچى ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللىگەن پىدائيلار قوشۇنى. 1936 - يىلى 10 - ئايدا ئىسپانىيىدە رەسمىي ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئەزالىرى 54 دۆلەتتىن كەلگەن. 1937 - يىلى بەش كالونناغا بۆلۈنگەن. 11 - كالوننا ئاساسەن گېرمانىيە سەرگەردانلىرىدىن تەشكىل تاپقان. 12 (گارىبالدى) كالوننا ئاساسەن ئىتالىيانلاردىن تەشكىل تاپقان. 13 - كالوننا ئاساسەن پولەكلەردىن تەشكىل تاپقان. 14 - كالوننا ئاساسەن فرانسۇز ۋە بېلگىيىلىكلەردىن تەشكىل تاپقان. 15 - كالوننا ئاساسەن ئامېرىكا ۋە كانادالىقلار (بېتيونمۇ قاتناشقان) دىن تەشكىل تاپقان. كالوننا ئەڭ زورايغان چاغدا ئادىمى 20000 كىشىگە يېقىنلاشقان. ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا بىتەرەپ تۇرۇش، ئارىلاشماسلىق نامى بىلەن گېرمانىيە، ئىتالىيە، فاشىستلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىغا يول قويغانلىقتىن، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۋېتىلگەن، خەلقئارا كالوننا 1938 - يلى 9 - ئايدا ئىسپانىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقامەجبور بولغان.