UyghurMain Dictionary
خەلىپە تەلىماتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دىنىنىڭ فىقھە نەزەرىيىسىنىڭ سۇبيېكتى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ تەلىمات ئاساسلىقى خەلىپىنىڭ پەزىلىتى، خەلىپىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى، خەلىپىنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى، ۋەزىرلەر - پۇقرالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ؛ (1) ئەنئەنىۋى خەلىپە تۈزۈمى. بۇنى ئابباسىيلار سۇلالىسىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار خەلىپە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلسە، مۇقەددەس مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەرىئەتنى ئىجرا قىلىش، <ئاللانىڭ زېمىنىدىكى ھۆكۈمرانلىق> نى تىكلەشتىن ئىبارەت بولىدۇ. يۇقىرى ئىناۋەتلىك، ئادىل، شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان تەقۋادار مۇسۇلمان بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش لاياقىتىگە ئىگە بولالايدۇ. دەپ قارىدى. لېكىن، خەلىپە پەسكەشلىك قىلسىمۇ ۋەزىرلەر - پۇقرالار قارشى تۇرۇشقا بولمايدۇ، دېدى. كۆڭۈلدىكىدەك بۇ تۈزۈلمە دەسلەپكى يىللاردىكى مەدىنە دەۋرىدە ئىپادىلەندى، دەپ قارىدى. (2) نامدىكى خەلىپە. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئابباسىيلار سۇلالىسى كۈنسايىن خارابلىشىپ، ھوقۇق سۇلتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. غەززالى قاتارلىق ئۆلىمالار ھەربىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغان سۇلتان نامدا خەلىپىنى ئېتىراپ قىلسىلا، ئۇنىڭ ھوقۇقى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. (3) پۈتۈملۈك خەلىپە تۈزۈمى. 1258 - يىلىدىن كېيىن ئابباسىيلار سۇلالىسى يوقىتىلىپ، يەرلىك ھەربىيلەر ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. بۇ چاغدا بەزى ئۆلىمالار مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغۇچىلارنىڭ پۈتۈم (ئۇلارنىڭ ۋەزىرلەر - پۇقرالار بىلەن پۈتۈم تۈزۈشى) ئارقىلىق خەلىپە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى ئېتىراپ قېلىشى كېرەك، پادىشاھ پەسكەش بولسا بولسۇنكى، ئېچكى قالايمىقانچىلىق بولمىسۇن، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. (4) تەۋفىق ئىلاھىي خەلىپە تۈزۈمى. بۇ تۈزۈمنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى ھەنەفىيە ئېقىمىنىڭ فەقىھلىرى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار ھەقىقىي خەلىپە تۈزۈمى ئاخىرلاشتى. خەلىپىنىڭ نوپۇزى ئاللانىڭ ئىلتىپاتىدىن كېلىدۇ. ئادىل، رەھىمدىل، ئاللارنىڭ ئەمرىگە بۇيسۇنىدىغان ھەرقانداق سۇلتانغا ئاللا خەلىپە نامىنى تەۋفىق قىلىدۇ؛ خەلىپىلىكنى قۇرەيش جەمەتىدىن بولمىغان كىشى ئۈستىگە ئالسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، دەپ قارىدى. (5) خەلىپە - سۇلتان تۈزۈمى. بۇ تۈزۈمنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى دەۋردىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىدە، مەكتۇپلىرىدا <سۇلتان> بىلەن <خەلىپە> تەڭ ئورۇنغا ناھايىتى ئاز قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىككىسى ئوخشاش مەنىگە ئىگە بولدى. سۇلتان تۈزۈمى تارىختىكى خەلىپە تۈزۈمى بولدى.