UyghurMain Dictionary
خەيرىيەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئىش _ ھەرىكەتتىن مەمبۇنىيەت ھېس قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
خەيرىيەت، بىز ئۇ ئىشقا ئارىلاشمىغان ئىكەنمىز. خەيرىيەتكى، ئىشىمىز ئۆز ئارا جايىدا كېتىۋاتىدۇ. چوڭ جېدەل چىقىپتۇ، بىر ياخشىسى، ساقچىلار يېتىپ كەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ساۋابلىق ئىش، خەير - ساخاۋەت، خەير - ئېھسان، سەدىقە.
بۇ خىل خەيرىيەت ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ يۈرگەن يۈسۈپجان جەۋلانى ئىدى.
يۈك. كۆپىنچە جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، <ھېلىمۇ ياخشى>، <خۇداغا شۈكۈر>، <ھەرنېمە بولسا> دېگەن مەنىلەردە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ.
خەيرىيەت، ئامان قالدىڭ، بۇ ئالەمدە تېخى يەيدىغان رىزقىڭ بار ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<خەيرىيە>