UyghurMain Dictionary
خەيدۇڭ مېتال ۋە تاش ئابىدىلىرى
Domain: دۇنيا تارىخىكىتاب نامى. چاۋشىيەندىكى مۇھىم مېتال تاش ئابىدىلەر توپلىمى. جۇڭگولۇق ليۇيەنتىڭ تۈزگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاۋشىيەن ئالىملىرىن جىن جىڭشى، جىن مىڭشى، جاۋيىنيۈڭ قاتارلىقلار ئەلچى بولۇپ چاۋشيەننىڭ نۇرغۇنلىغان مېتال - تاش ئابىدە يازمىلىرىنىڭ نۇسخىسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كېلىپ، جۇڭگو ئالىملىرىغا تەقدىم قىلغان. 1831-يىلى (چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ 11-يىلى) ليۇيەننىڭ كۆپ يىللار داۋامىدا توپلىغان چاۋشيەن مېتال - تاش ئابىدىلىرى نۇسخىسىدىن مۇشۇ كىتابنى تۈزگەن، جەمئىي سەككىز جىلد. كېيىن يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن چېچىلىپ كېتىپ، ئاران ئالدىنقى تۆت جىلدنى پن ۋىنچىن (بۇيىن) ساقلاپ قالغان، 1881-يىلى (چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 7-يىلى) جاڭ سۇڭپىڭ (دېرۇڭ)نەشر قىلىپ تارقاتقان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ليۇچېڭگەن كېيىنكى تۆت جىلدنى تېپىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، سەككىز جىلدنى تولۇقلىغان ھەمدە <تولۇقلىما> دېگەن ئالتە جىلد، <قوشۇمچە> دېگەن ئىكى جىلد بولۇپ، جەمئىي 16 جىلدنى 1922-يىلى نەشر قىلىپ تارقاتقان. ئۇ چاۋشيەن مېتال ـ تاش ئابىدە يېزىقلىرىنىڭ ئەڭ بالدۇرقى، ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن، ئىزاھلىرى تەپسىلىي بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.