Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاۋېرسى سىستېمىسى
Domain: بىئولوگىيە哈弗氏系统
hāfúshìxìtǒng
زىچ سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈش بىرلىكى. زىچ سۆڭەكتىكى كۆپ قەۋەتلىك سۆڭەك پلاستىنكىلىرىدىن مەركەزداش چەمبەر بولۇپ تىزىلغان نەيچە سىستېمىسى. ھەربىر سىستېمىنىڭ مەركىزىدە بىر سۆڭەك نەيچىسى بولۇپ، <خاۋېرسىئان نەيچىسى> دېيىلىدۇ، ئىچكى يىلىك بوشلۇقىغا تۇتاشقان، سىرتى سۆڭەك پوست قەۋىتىگە تۇتاشقان بولۇپ، نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنىڭ زىچ سۆڭەكتىكى ئۆتۈشۈش يولى ھېسابلىنىدۇ. خاۋېرسىئان سىستېمىسى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىلا بولىۋەرمەيدۇ. كۆپ ساندىكى قوش ماكانلىقلار، بەزى يەر باغىرلىغۇچىلار ھەم نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق تۈزۈلۈش بولمايدۇ. زىچ سۆڭەكتىكى بەزى فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى شۇ يەردىكى مول قان تومۇرلىرىغا تايىنىپ ئوزۇقلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.