Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاتىرە سىناپسې تەلىماتى
پسىخولوگىيە
记忆的突触说
jì yì de tū chù shuō
بۇ سىناپسې ئۆسۈش تەلىماتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھۈجەيرە سەۋىيسىدە ئېلىپ بېرىلغان خاتىرە مېخانىزمى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ بىر خىل خۇلاسىسى. بۇ خۇلاسىدە، خاتىرە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئارا شەكىللەنگەن يېڭى سىناپسې باغلىنىشىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئەگەر بىر خىل تەسىر تەكرارلىنىۋەرسە، نېرۋا ئىمپۇلىسى بىر خىل يول بىلەن ئىچكىرىگە يوللىنىدۇ، بۇ ھال سىناپسېدا ئۇزىراش يەنى ئۆسۈش پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھۈجەيرە ئارىلىقىدىكى تېگىشىشنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خاتىرە ھاسىل بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئاۋسترالىيىلىك نېرۋا فىزىئولوگى ئېككلېس مۇشۇ تەلىماتنىڭ ۋەكىلى.