Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاتىرە كاشلىسى
پسىخولوگىيە
记忆障碍
jì yì zhàng ài
كېسەللىك سەۋەبىدىن خاتىرىدە بولغان ئۆزگىرى كىشىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىگە تەسىر قىلسا، بۇنى خاتىرە كاشلىسى دەيمىز. مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ زەخىملىنىشى خاتىرە كاشلىسى دەيمىز. مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ زەخىملىنىشى خاتىرە كاشىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب. مېڭىنىڭ زەخمىلەنگەن يېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، خاتىرە كاشلىسىنىڭ شەكىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ سىرتقى يان تەرىپى زەخمىلەنسە، خاتىرە كاشىلىسى قىسمەن ئالاھىدە سەزگۈ ھالەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن: ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان يېرىم شارنىڭ تۆپە، گەجگە ۋە ماڭلاي بۆلۈكى زەخمىلەنسە، بىمار ئۆزلۈكىدىن مەقسەتلىك ھالدا ئەستە قالدۇرالايدۇ ھەم ئۇنى ئەستە ساقلىيالايدۇ. پەقەت ئايرىم خاتىرە پائالىيىتى بۇزۇلغان بولىدۇ. كۆرۈش جەھەتتە ماكان خاتىرە ئىزى بىلەن نوتۇق ئاڭلاش خاتىرە ئىزى قاتتىق تورمۇزلانغان بولىدۇ. مېڭىنىڭ چوڭقۇر قىسمى (گىرۋەك بۆلىكى، مېڭىنىڭ كۆرۈش دۆڭچىسى ۋە تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) زەخمىلەنگەندىكى خاتىرە كاشىلىسى ئىككى يېرىم شارلارنىڭ يان قىسمى زەخمىلەنگەندىكى خاتىرە كاشىلىسىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئومۇمەن، ئالاھىدە بولمىغان سەزگۈ ھالەتلىك بولىدۇ. يەنى ئوخشاش بولمىغان سەزگۈ ھالىتىدە بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاڭلاش، كۆرۈش، ھەرىكەت سەزگۈلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. بىمار بەلگىلەنگەن ماتېرىيالنى ئەستە قالدۇرۇپ ساقلىيالايدۇ. لېكىن خاتىرە ئىزى تۇراقسىز بولۇپ ئوڭاي كاشىلىغا ئۇچرايدۇ. كېسەل يېنىك بولسا، خاتىرىدىكى نۇقساننىڭ پەقەت ئايرىم تەركىبىي قىسمىلا ئىپادىلىنىدۇ. كېسەل ئېغىر بولسا، كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنىڭ خاتىرىسىنى يوقتىپ قويىدۇ. زامان - ماكان جەھەتتە يۆنىلىشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، خاتىرە كاشىلىسى خاتىرىنىڭ تۈرلۈك باسقۇچلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەستە قالدۇرۇش، ئەستە ساقلاش، تونۇش، يادىغا كەلتۈرۈشلەردىمۇ خاتىرە كاشىلىسى يۈز بېرىدۇ.