Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاترا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
哈特拉
hā tè lá
دۇنيا تارىخى
哈特腊
hā tè là
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى شەھەر. موسۇلنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. تەخمىنەن Ⅰ ئەسىر ئەترپىدا دىنىي پايتەخت، ھەربىي جەھەتتە مۇھىم ئورۇن، سودا كارۋانلىرى ئارام ئالىدىغان جاي بولغاچقا تەرەققىي تاپقان. مىلادىن 241-يىلى ساسسانىيلار سۇلالىسىدىكى شاپور Ⅰ تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 1951-يىلىدىن كېيىن ئىراق ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن تېپىلغان. خارابىنىڭ تەكشىلىك يۈزى ئېللىپى شەكلىدە بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن ئىككى كىلومتىر كېلىدۇ، شەھەر تاملىرى تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، مەركەز رايونىدا كۋادىرات شەكىللىك مۇقەددەس رايون (مېتىر 320 × 465 مېتىر) بولۇپ، تاش بىلەن قوپۇرۇغان چوڭ ئىبادەتخانا زالى بار. مۇقەددەس رايوننىڭ سىرتىدىمۇ يەنە 21 ئىبادەتخانا زالى بولۇپ، مەرمەر تاش، ھاك تاش، برونزا قاتارلىقلاردىن ياسالغان بۇت، سۈرەت قاتارلىقلار تېپىلغان مۇقەددەس رايوندىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمالغا بارىدىغان تۆت دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا خام خىشتىن ياسالغان كۆپ ئۆيلەر بار بولۇپ، كۆپ قىسمى تېخى قېزىلمىغان. شەرقىي دەرۋازا ئەتراپىدا قەبرىستانلىق بار. يەنە تاشتىن ياسالغان نېگىز قەبرىمۇ بار.