UyghurMain Dictionary
خاتىمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاخىرى، تاماملىنىشى.
كىتابنىڭ تۈگىگەن، تاماملانغان قىسمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سوڭ، ئاخىر، ئاياق، تۈگللىمە؛ يەكۈن، ئاخىرقى سۆز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمى، كىرىش، سۆز بېشىنىڭ تەتۈرى، ئانتونىمى.
« ئېپىلوگ » كۆپىنچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە قوللىنىلىدۇ.
ئەسەرنىڭ خاتىمىسى يەكۈن خاراكتېرلىك بولىدۇ، خاتىمىنى تاشلىماي ئوقۇش كېرەك. ئېپىلوگ، بەدىئىي ئەدەبىياتتا، بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە زۆرۈر. ئاخىرقى سۆزنى ياخشى يېزىش كېرەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمى تۈگىگەندىن كېيىن ئومۇمىي مەزمۇنى يەكۈنلەپ بېرىلگەن قىسمى.
مۇقەددىمە، سۆز بېشى، كىرىش، كىرىش سۆز
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئالدىدا شۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن دېرەك بېرىدىغان قىسمى.
ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇقەددىمىسىدىن مەلۇم. <بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق> نىڭ <سۆز بېشى> قىسقىلا، لېكىن پۈتۈن ئەسەرنىڭ نەدىن باشلىنىپ، نەدە تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. كىرىشنى ياخشى يېزىش ناھايىتى مۇھىم. ئەسەرنىڭ خاتىمىسى يەكۈن خاراكتېرلىك بولىدۇ، <خاتىمە> قىسمىنى تاشلىماي ئوقۇش كېرەك. <ئاخىرقى سۆز> نى ياخشى يېزىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىنىڭ ئاخىرى، تۈگىشى، تاماملىنىشى.
گۈزەل ھاياجانلىق خاتىرىلەرگە تولغان ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنىڭ خاتىمە كۈنلىرى يېتىپ كەلگەنىدى.
<ئەد> ماقالە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى خۇلاسە خاراكتېرلىك قىسمى، خۇلاسە قىسمى.
مەن ئۇ ھېكايىنىڭ خاتىمىسنىمۇ ئوقۇدۇم.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
خاتىگۈل
ئاخىرقى، ئاخىرى، كەنجى، كەنجى قىز