Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاستىڭ جېڭى
Domain: دۇنيا تارىخى哈斯丁战役
hā sī dīng zhàn yì
نورماندىيە كىنەزى ۋىليامنىڭ ئەنگلىيىنى ئىستېلا قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1066-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد (توۋا قىلغۇچى) قازا قىلىپ، خارولد Ⅱ كورۇل بولغان. 9-ئايدا ۋىليام ئېدۋارد ھايات ۋاقتىدا ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ماقۇل بولغان، دېگەننى باھانە قىلىپ، قوشۇن باشلاپ برىتانىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. خارولد ئالدىراپ جەڭگە كىرگەن. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە، ئىككى تەرەپ خاستىڭ دېگەن جايدا قاتتىق ئېلىشقان. ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى پىيادە ئۇرۇش قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قورالى ئايپالتا ۋە يىراققا ئاتىدىغان نەيزە بولۇپ، قالقان بىلەن ئۆزلىرىنى قوغدىغان. ۋىليامنىڭ قوشۇنى ئېغىر ساۋۇتلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە ئوقياچىلاردىن تەركىب تاپقان. كەچقۇرۇن بولغاندا خرولدقا ئوقيا تېگىپ ئۆلۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يېڭىلەەن. كەينىدىنلا ۋىليام پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي لوندوننى ئىشغال قىلىپ، ئۆزى ئەنگلىيە كورۇلى بولۇپ، ۋىليام Ⅰ <ئىستېلاچى> دەپ ئاتالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.