Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاررىسون
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
哈里森
hā lǐ sēn
دۇنيا تارىخى
哈里逊
hā lǐ xùn
(1) ۋىليام ھېنرى خاررىسون(1773 - 1841) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1841 - يىلى 3، 4-ئايلار). ۋىگ پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. 1791-يىلى ئارمىيىگە كىرگەن، كۆپ قېتىم ئىندىئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1801 - 1813 - يىللىرى ئىندىئانا رايونىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئىندىئانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان ھەمدە ئىندىئانلار بىلەن كۆپلىگەن شەرتنامە ئىمزالىغان. 1812 - يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ھەربىي قوماندان بولغان ۋە ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن.بىر نەچچە قېتىم ئاۋام پالاتانىڭ ئەزالىقىغا، كېڭەش پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 8182 -1829 - يىللىرى كولۇمبىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولۇپ ئىشلىگەن. 1840-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، لېكىن بىر ئايدىن كېيىن ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تىيلېر ئورنىغا دەسسىگەن. (2) بېنجېمىن خاررىسون (1833 - 1901). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1889 - 1893). ۋىليام ھېنرى خاررىسونىڭ نەۋرىسى، جۇمھۇىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ئوخىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 1852-يىلى مېئامې داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن. ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىللىرى پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولغان. 1881 - 8718 ـ يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرى <مىكىنلېي تاموژنا قانۇنى> ۋە <شىرېماننىڭ تولاسقا قارشى تقانۇن لايىھىسى> نى ماقۇللىغان. 1889-يىلى فان ئامېرىكا يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتكەن؛ ئەنگلىيە، گېرمانىيە ساموئا تاقىم ئاراللىرىنى بۆلۈۋالغان. 1899-يىلى ۋېنسۇئېلا ۋە ئەنگلىيىگە تەۋە گۋىئانا چېگرىسىدا يۈز بەرگەن ماجىرادا، ۋېنسۇئېلا ۋەكىلىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.<بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىز>، <بىر سابىق زۇڭتۇڭنىڭ نۇقتىئىنەزەرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.