Uyghur←ChineseMain Dictionary
خاركوۋ
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر哈尔科夫
hā ěr kē fū
سوۋېت ئوكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، مۇھىم قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر خاركوۋ دەرياسى، لوپان دەرياسى ۋە ئۇدا دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 554 دىن ئاشىدۇ (1985). بۇ جايدا 1656 - يىلى كىچىك بىر شەھەرچە سېلىنغان. 18 - ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ جايدا تۆمۈر يوللارنىڭ سېلىنىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلىپ مۇھىم سانائەت مەركىزى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1917 - يىلدىن 1934 - يىلغىچە ئوكرائىنانىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم چوڭ سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. ماشىنىسازلىق سانائىتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە موسكۋا، لېنىنگراد شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. خاركوۋنىڭ قاتناش ترانسپورتى، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا 1805 - يىلى سېلىنغان ئەڭ كونا ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
哈尔科夫
hā ěr kē fū
GetWord Corpus
9哈尔科夫
哈尔科夫【地名】
hā ěr kē fū
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.