UyghurMain Dictionary
خارالد خارفاگېر
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 850 - تەخمىنەن 933) نورۋېگىيە كورۇلى (860 - 930). خارفاگېرنىڭ مەنىسى <ئالتۇن چاچ> دېگەنلىك دادىسى خالۋادنىڭى زېمىنى ۋىستفولد ۋە ئوپلاندغا ۋارىلىق قىلغان. كېيىن تروندېلاگنى بويسۇندۇرغان. 872-يىلى ستاۋانگ يېنىدىكى خافرىسفىئورد جېڭىدە <غەربنىڭ قاراقچىسى> دەپ نام ئالغان بىر فېئودال ئاقسۆڭەكنى يېڭىپ، پۈتكۈل نورۋېگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان مەزگىللىرى قاتتىق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكتىن، ھەتتا ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇھىم كىشىلەرمۇ چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. دۆلەتنىڭ تىنچىلىقىنى كاپلەتلەندۈرۈش، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ شوتلاندىيىدىكى بازىسىنى يوقاتقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتنى بىر قانچە ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، نورۋېگىيىنىڭ قايتىدىن پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.